赛事规程

2016年新疆飞天信鸽国际公棚(春棚)维文竞赛规程

发表时间:2015-07-22 14:23:59   浏览数:831   转到我空间  分享到随写  分享到鸽友社区

2016-يىللىق شىنجاڭ فېيتيەن پوچتا كەپتىرى خەلقئارالىق ئاممىۋى كەپتەرخانىنىڭ ئەتىيازلىق مۇسابىقە قائىدىسى

 

 

 

 

2016-يىللىق شىنجاڭ فېيتيەن پوچتا كەپتىرى خەلقئارالىق ئاممىۋى كەپتەرخانىنىڭ ئەتىيازلىق قابىللار مۇسابىقە قائىدىسى

 

 

شىنجاڭ فېيتيەن پوچتا كەپتىرى خەلقئارالىق ئاممىۋى كەپتەرخانىسىنىڭ ئالاھىدە تەسىس قىلغان ئەتىيازلىق قابىللار مۇسابىقىسى (500 كىلومېتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە) گە 2015-يىلى مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن شىنجاڭ پۇت ھالقىسىدىن 3000 دانە تەييارلاندى، ھەر بىر پۇت ھالقىسىنىڭ سېتىلىش باھاسى 500 يۈەن. پۇت ھالقىسىدىن قانچىنى سېتىۋېلىشتىن قەتئىينەزەر، ئالدىنقى ئون دەرىجىگە تىزىلغان كەپتەرلەرگە تەسىس قىلغان مۇكاپات ئۆزگەرمەيدۇ (ئالدىنقى ئون دەرىجىگە تىزىلغان كەپتەرلەرگە تەسىس قىلىنغان مۇكاپات 500 دانە كەپتەرنى ئاساس قىلىدۇ، 500 دانىدىن ئېشىپ كەتكەندە، ھەر 11 دانە كەپتەرگە بىر دەرىجە بېكىتىلىدۇ ). قابىللار مۇسابىقىسى پۇت ھالقىسى سېتىۋالغان كەپتەرۋاز دوستلار چوقۇم ئاممىۋى كەپتەرخانا ئۇيۇشتۇرغان مۇسابىقىگە قاتنىشىشى كېرەك، قابىللار مۇسابىقىسىگە مەزكۇر ئاممىۋى كەپتەرخانىنىڭ مۇسابىقە قائىدىسى تەتبىقلىنىدۇ، قوش مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ (ئالدىنقى ئۈچىنچى رەتكە تىزىلغان ھەر بىر كەپتەر ئىگىسىگە بىردىن مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ ).

چېمپىيون بولغانغا 100 مىڭ يۈەن، ئىككىنچى بولغانغا 50 مىڭ يۈەن، ئۈچىنچى بولغانغا 30 مىڭ يۈەن، 4-10-بولغانلارغا 10 مىڭ يۈەن، 11-N – بولغانلارغا 5000 يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ.

مۇسابىقە ھالقىسىنى سېتىش قائىدىسى ۋە رەتكە تىزىلىشنى ھېسابلاش ئۇسۇلى:

1. ھەر بىر مۇسابىقە ھالقىسى ئالدىن 50 يۈەن (ھالقا سېتىلغاندىن كىيىن، كەپتەرنى تاپشۇرۇپ بەرمىسە، پۇل قايتۇرۇلمايدۇ) گە سېتىلىدۇ.

2. 100 كىلومېتىرلىق مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇپ تاللىغاندىن كىيىن، ئوخشاش بىر كەپتەرنىڭ تاپشۇرمىغان مۇسابىقە قاتنىشىش ھەققى 450 يۈەننى تولۇقلاپ تاپشۇرىدۇ.

3. مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئېرىشىش دەرىجىسى تاللىنىپ ھەق تاپشۇرغان كەپتەر سانى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

4. مۇسابىقە ھالقىسىنى سېتىش ۋاقتى: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى، مۇسابىقە ھالقىسىنىڭ نومۇر دائىرىسى: (0769000-0766001) غىچە بولىدۇ، جەمئىي 3000 دانە.

 

 

 

 

 

2016-يىللىق شىنجاڭ فېيتيەن پوچتا كەپتىرى خەلقئارالىق ئاممىۋى كەپتەرخانىنىڭ 2- نۆۋەتلىك ئەتىيازلىق «خاسىيەتلىك كېمە لوڭقىسى» 5 مىليون 280 مىڭ يۈەنلىك ئۈچ ئۆتكەللىك مۇسابىقە قائىدىسى

 

 

مەزكۇر ئاممىۋى كەپتەرخانا شۇنداق ۋەدە بېرىدۇكى: يىغىۋېلىنغان كەپتەرنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، 5 مىليون 280 مىڭ يۈەن مۇكاپات ئوخشاشلا تارقىتىلىدۇ

ئاساسلىق ئۇيۇشتۇرغان ئويۇن: شىنجاڭ فېيتيەن پوچتا كەپتىرى كۆندۈرۈش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى

ئۇيۇشتۇرغان ئورۇن: شىنجاڭ فېيتيەن پوچتا كەپتىرى خەلقئارالىق ئاممىۋى كەپتەرخانا (ئەتىيازلىق كەپتەرخانا)

مۇسابىقىنى نازارەت قىلغۇچى ئورۇن: ئۈرۈمچى شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى

داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاشقا مەسئۇل خادىم: شىئەن ئايرېس چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ مال دوختۇرى ۋاڭ جىن

بىرىنچى. مۇسابىقىگە قاتنىشىش شەرتلىرى

1. مەزكۇر قائىدىنى ئېتىراپ قىلغان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى پوچتا كەپتىرى ھەۋەسكارلىرى بىردەك تىزىمغا ئالدۇرۇپ مۇسابىقىگە قاتناشسا بولىدۇ.

2. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىلىدىغان كەپتەرلەر چوقۇم تۇخۇمدىن چىققىنىغا 30-60 كۈنگىچە بولغان ساغلام باچكا بولۇشى ھەمدە دۆلەت ياكى رايونلۇق پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى ئېتىراپ قىلغان 2015-يىللىق رەسمىي مۇسابىقە ھالقىسىنى تاقىغان بولۇشى كېرەك. تەۋەلىك رايونىدا يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەن بولسا، شۇ جايدىكى كەپتەرلەر بىردەك قوبۇل قىلىنمايدۇ.

3. ئاممىۋى كەپتەرخانا مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەرگە بىر تۇتاش ۋاكسىنا ئەملەيدۇ، ئەگەر كەپتەرلەرنى تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن كەپتەر ئىگىسى كەپتەرگە ۋاكسىنا ئەملەپ بولغان بولسا، كەپتەرنى تاپشۇرغان ۋاقىتتا چۈشەنچە بېرىش كېرەك.

4. كەپتەر ھەۋەسكارلىرى باچكىنى ئاممىۋى كەپتەرخانىغا تاپشۇرغاندىن كىيىن، بۇ قائىدە ئىككى تەرەپ تۈزگەن توختامغا باراۋەر بولىدۇ، ھەمدە شۇ ھامان كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ئىككى تەرەپ چوقۇم توختامدىكى ماددىلارغا ئەمەل قىلىشى كېرەك.

5. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەرنىڭ ئىگىلىرى چوقۇم ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىملىتىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىش كېرەك. مەسىلەن: A. ئىسىم- فامىلىسى؛ B. *** كەپتەرخانا (ئاممىۋى كەپتەرخانا) + ئىسىم-فامىلىسى. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەر كەپتەرخانىغا كىرگەن ھامان كەپتەر ئىگىسىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، كەپتەرنى تاپشۇرغاندىن كىيىنكى ئالاقىلىشىش شەكلىدە ئۆزگىرىش بولسا ۋاقتىدا ئاممىۋى كەپتەرخانىغا خەۋەر قىلىش كېرەك.

ئىككىنچى. مۇسابىقە تۈرى، ۋاقتى، ئارىلىقى، ئورنى

1. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە 200 كىلومېتىر، 300 كىلومېتىر، 500 كىلومېتىرلىق مۇسابىقە، كوللېكتىپ مۇسابىقە، كەپتەر شاھى مۇسابىقىسى ۋە مۇساپە قېتىلغان مۇسابىقە تەسىس قىلىندى.

2. بىرىنچى ئۆتكەللىك مۇسابىقە: 200 كىلومېتىر؛ كەپتەرلەرنى قويۇپ بېرىدىغان ئورۇن: ئەنچىخەي بازىرىنىڭ ئەتراپى؛ ۋاقتى: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ باشلىرى.

3. ئىككىنچى ئۆتكەللىك مۇسابىقە: 300 كىلومېتىر؛ كەپتەرلەرنى قويۇپ بېرىدىغان ئورۇن: گاۋچۈەننىڭ ئەتراپى؛ ۋاقتى: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى.

4. بىرىنچى ئۆتكەللىك مۇسابىقە: 500 كىلومېتىر؛ كەپتەرلەرنى قويۇپ بېرىدىغان ئورۇن: سايرام كۆلىنىڭ ئەتراپى؛ ۋاقتى: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرى.

يۇقىرىدا تىلغا ئىلىنغان مۇسابىقە ۋاقتى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر ھاۋارايىدا ئۆزگىرىش بولسا، كەپتەرلەرنى قويۇپ بېرىش ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلىدۇ، كونكرېتنى ۋاقتى نەق مەيداندىكى مۇسابىقە ئۇقتۇرۇشىنى ئاساس قىلىدۇ.

5. كوللېكتىپ مۇسابىقە

(1) چوڭ كوللېكتىپ مۇسابىقە: ئوخشاش بىر كەپتەر ئىگىسىنىڭ نامىدا تاپشۇرغان كەپتەرلەرنىڭ سانى 30 دانىدىن ئاشقاندا (30 دانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) چوڭ كوللېكتىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ، ئۈچىنچى ئۆتكەلدىن ئۆتكەن كەپتەرلەرنىڭ سانى كۆپ بولسا يەڭگەن بولىدۇ. ئەگەر كەپتەرلەرنىڭ سانى ئوخشاش بولسا، يۇقىرى دەرىجىلىك مۇكاپات بويىچە رەتكە تىزغاندا ئالدىنقى رەتكە تىزىلغانلار يەڭگەن بولىدۇ.

(2) كىچىك كوللېكتىپ مۇسابىقە: ئوخشاش بىر كەپتەر ئىگىسىنىڭ نامىدا تاپشۇرغان كەپتەرلەرنىڭ سانى 6 دانىغا يەتسە، كوللېكتىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ. 6 دانىدىن ئاشسا باشقا بىر گۇرۇپپا ھېسابلىنىدۇ، گۇرۇپپا شۇ كەپتەر ئىگىسىنىڭ نامىدىكى A، B، C گۇرۇپپا... دەپ تەسىس قىلىنىدۇ. 100 كىلومېتىردا سىناش ئارقىلىق تاللاپ چېقىلغاندىن كىيىن، 7 كۈن ئىچىدە بىر ئادەمنىڭ نامىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەرنىڭ ئىگىسى كوللېكتىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەرنىڭ مۇسابىقە ھالقا نومۇرىنى خالىغانچە بېكىتىشى ھەمدە فاكس، رەڭلىك ئۇچۇر، ئۈندىدار قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مەزكۇر ئاممىۋى كەپتەرخانىغا جەزىملەشتۈرۈشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك (تېلېفون نومۇرى ئارقىلىق گۇرۇپپا نومۇرىنى بەلگىلىسە، قوبۇل قىلىنمايدۇ). ھەق تاپشۇرۇپ بولغاندىن كىيىن، ئوخشاش بىر كەپتەر ئىگىسىنىڭ نامىدىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەرنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇشقا ۋە گۇرۇپپىنى بىرلەشتۈرىۋىتىشكە بولمايدۇ. ئەگەر گۇرۇپپىغا ئايرىش مەزگىلى ئىچىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەرنىڭ ئىگىسى گۇرۇپپىغا ئايرىمىغان بولسا، مەزكۇر ئاممىۋى كەپتەرخانا كومپيۇتېردا ئاپتوماتىك رەتكە تىزىپ گۇرۇپپىغا ئايرىپ چىقىدۇ. كوللېكتىپ مۇسابىقىدە دەرىجىگە ئايرىغاندا 500 كىلومېتىرلىق مۇسابىقىدە ئالدىنقى 400 دانە كەپتەرنىڭ ئىچىدە ئۇتۇپ چىققانلار سانى كۆپ بولسا يەڭگەن بولىدۇ (ئاز دېگەندىمۇ 2 كەپتەر ئۇتۇپ چىقىشى كېرەك). ئەگەر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەر سانى ئوخشاش بولسا، يۇقىرى مۇكاپاتقا ئېرىشىش دەرىجىسىگە ئاساسەن ئالدى-كەينى رەتكە تىزىپ چىقىلىدۇ.

6. كەپتەر شاھى مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىسىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى: ئوخشاش بىر مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەرنىڭ 200 كىلومېتىر، 300 كىلومېتىر، 500 كىلومېتىرلىق مۇساپىدىكى سۈرئىتى قوشۇلۇپ، جەمئىي سۈرئىتى يۇقىرى چىققان كەپتەر ئۇتۇپ چىقىدۇ. ئەگەر مۇساپىدىكى سۈرئىتى ئوخشاش بولسا، يۇقىرى مۇكاپاتقا ئېرىشىش دەرىجىسى بويىچە ئالدىنقى رەتكە تىزىلغان كەپتەر ئۇتۇپ چىققان بولىدۇ.

7. مۇساپە قوشۇلغان مۇسابىقە: 500 كىلومېتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كېچىكىپ كەلگەن كەپتەرلەرنىڭ سانى 1000 دانە ئەتراپىدا بولسا، ھاۋارايى ئەھۋالى ياخشى بولغان ئەھۋالدا، 520 كىلومېتىرغا جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىدۇ؛ جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسىدە كېچىكىپ كەلگەن كەپتەرلەرنىڭ سانى 600 دانە ئەتراپىدا بولسا، ھاۋارايى ئەھۋالى ياخشى بولغان ئەھۋالدا، 600 كىلومېتىرلىق «يۇقىرى پەللە» گە جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىدۇ. بارلىق كېچىكىپ كەلگەن كەپتەرلەر بىردەك قويۇپ بېرىش مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. ھەق تاپشۇرماي مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەرلەرنىڭ پەقەت دەرىجىسىلا خاتىرىلىنىدۇ، مۇكاپات تەقسىملەشكە قاتناشتۇرۇلمايدۇ، مۇكاپات ھەق تاپشۇرغان كەپتەرلەرنىڭ رەت تەرتىپى بويىچە تەقسىملىنىدۇ.

مۇساپە قېتىلغان مۇسابىقىنىڭ تەپسىلاتىنى «مۇساپە قېتىلغان مۇسابىقە قائىدىسى» دىن كۆرۈۋېلىڭ (ئايرىم ئېلان قىلىنىدۇ).

ئۈچىنچى. مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۇسۇلى

1. ھەر بىر كەپتەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى 1400 يۈەن، بېقىش، باشقۇرۇش ھەققى 200 يۈەن بولۇپ، جەمئىي 1600 يۈەن بولىدۇ. كەپتەرخانىغا ئەكىرىشتىن بۇرۇن مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەر ئۆلۈپ قالىدىغان، كەپتەرخانىدىن قېچىپ كېتىدىغان، يوقۇلۇپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، مەزكۇر كەپتەرخانا ۋاقتىدا كەپتەر ئىگىسىگە تولۇقلاپ تاپشۇرۇشنى ئۇقتۇرىدۇ، تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

2. 100 كىلومېتىردا يايلىتىش ئارقىلىق تاللانغاندىن كىيىن، 7 كۈن ئىچىدە ئوخشاش بىر كەپتەر ئىگىسىنىڭ نامىدىكى 1600 يۈەننى تولۇق تاپشۇرۇش كېرەك. 200 كىلومېتىرلىق مۇسابىقىدە قەپەزگە قايتىپ كەلمىگەن كەپتەرلەرگە 1400 يۈەن مۇسابىقىدىن چېكىنىش ھەققى قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. مۆھلەت ئىچىدە ھەق تاپشۇرمىسا، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەرنىڭ بارلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن دەپ قارىلىپ، مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ. ئۈچىنچى تەرەپنىڭ سېتىۋېلىشىغا بولمايدۇ، بۇ كەپتەرلەر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلغان كۈنى پۇتىدىكى مۇسابىقە ھالقىسىنى ئېلىۋېتىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

3. كەپتەر يىغىۋېلىش ۋاقتى: 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە (پۈتۈن كۈن مۇلازىمەت قىلىنىدۇ، ھېيت -بايرام، دەم ئىلىش كۈنلىرى ئارام ئالمايدۇ).

4. كەپتەر تاپشۇرۇش ئورنى: ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى لۇساۋگۇ يېزىسى لۇساۋگۇ كەنتى 296-نومۇر فېيتيەن پوچتا كەپتىرىنى كۆزىتىش كەپتەرخانىسى

5. ئىچكىرى ئۆلكىلەر، چەتئەللەردىكى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىلىدىغان كەپتەرلەرنى بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە يولى ئارقىلىق ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا توشۇپ كەلسە بولىدۇ، ياكى ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى ۋە پاسساژىرلار بېكىتىگە ھاۋالىلىك توشۇپ كەلسىمۇ بولىدۇ، ئەمما ئالدىنئالا ئاممىۋى كەپتەرخانىغا كەپتەرنى ئېلىۋېلىشنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. ئۈرۈمچى شەھىرى ئەتراپىدىكى رايونلار ئىشىك ئالدىغا بېرىپ كەپتەرلەرنى ئېلىۋېلىشنى ئالدىنئالا كېلىشىپ قويسا بولىدۇ، كەپتەر ھەۋەسكارلىرىنىڭ كەپتەرلەرنى ئۆزى ئەكېلىپ بېرىشىنى قارشى ئالىمىز. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەرنىڭ تاموژنا ھەققى، كارانتىن قىلىش ھەققى، ھاۋالىلىك توشۇش ھەققىنى كەپتەر ئىگىسى كۆتۈرىدۇ.

6. مەزكۇر كەپتەرخانا كېلىشىملىك كەپتەرلەرنى قوبۇل قىلمايدۇ.

7. مەزكۇر كەپتەرخانا خىزمەتچى خادىملىرى بىردەك كەپتەر تاپشۇرۇپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

تۆتىنچى. مۇسابىقە چارىسى

1. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە جۇڭگو پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى ئېلان قىلغان «پوچتا كەپتىرى مۇسابىقە قائىدىسى ۋە ھۆكۈم چىقىرىش چارىسى»، «پوچتا كەپتىرى ئاممىۋى كەپتەرخانا قائىدىسى» قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ.

2. ھەر مەيدان مۇسابىقىنىڭ رېپېرىنى بىردەك ئۈرۈمچى شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى ئەۋەتىدۇ، ئاممىۋى كەپتەرخانا كەپتەر ھەۋەسكارلىرى ۋەكىللىرىنى تاللاپ مۇسابىقىنى نازارەت قىلىشقا قويىدۇ ھەمدە ھەر قايسى مەيداندا ئىلىپ بېرىلىدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەرنى يىغىش، قويۇپ بېرىش ۋە نەتىجىسىنى باھالاپ بېكىتىشكە ئورتاق مەسئۇل قىلىدۇ. ئەگەر كاشىلا ۋە باشقا تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئامىللار كۆرۈلسە، جۇڭگو پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇسابىقە بەلگىلىمىسى بويىچە، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ رېپېرلار گۇرۇپپىسى ھۆكۈم چىقىرىدۇ. كەپتەر ھەۋەسكارلىرى ئېنتىرنىت تورى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

3. مۇسابىقىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەر ئۇۋىسىغا قايتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، ئەگەر ئېلېكتىرونلۇق سېكانىرلىق ۋاقىت ھېسابلاش سىستېمىسىدا كاشىلا كۆرۈلسە، مۇسابىقە ئاخىرلاشتۇرىلىدۇ، مۇكاپات قەپەزگە سېلىنغان كەپتەرلەرگە تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ.

4. مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەرلەر قايتىپ كېلىش داۋامىدا ئەگەر ئېلېكتىرونلۇق سېكانىرلىق ۋاقىت ھېسابلاش سىستېمىسىدا كاشىلا كۆرۈلۈپ، مۇسابىقە توختىتىلسا، كاشىلا كۆرۈلۈشتىن بۇرۇن دەرىجىگە تىزىلغان ئۇۋىغا قايتىپ كەلگەن كەپتەرلەرگە مۇكاپات نەقلەشتۈرىلىدۇ، ئېشىپ قالغان دەرىجە مۇكاپاتى قەپەزگە سېلىنغان كەپتەرلەرگە تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلەر بۇنىڭ سىرتىدا بولىدۇ.

5. بىرىنچى، ئىككىنچى ئۆتكەل مۇسابىقىگە شۇ كۈنى تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ، شۇ كۈنى ئۇۋىسىغا قايتىپ كەلمىگەن كەپتەرلەرنىڭ مۇشۇ قېتىملىق مۇسابىقىسى بىكار قىلىنىدۇ، مۇكاپات سوممىسى قەپەزگە سېلىنغان كەپتەرلەرگە تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ. شۇ كۈنى قائىدىدىكى قوبۇل قىلىش سانىغا يەتمىگەن بولسا، دەرىجىگە تىزىلغان ئۇۋىغا قايتىپ كەلگەن كەپتەرلەرگە مۇكاپات نەقلەشتۈرۈلىدۇ. قالغان دەرىجە مۇكاپاتى قەپەزگە سېلىنغان كەپتەرلەرگە تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلەر بۇنىڭ سىرتىدا بولىدۇ.

6. ئۈچىنچى ئۆتكەللىك مۇسابىقە ۋە مۇساپە قېتىلغان مۇسابىقىگە تىزىمغا ئالدۇرۇش ئىناۋەتلىك مۇددىتى ئىككى كۈن بولىدۇ (كەپتەرلەر قويۇپ بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ ئىككىنچى كۈنى كۈن ئولتۇرغانغا قەدەر بولىدۇ). شۇ كۈنى قائىدىدىكى قوبۇل قىلىش سانىغا يەتمىگەن بولسا، ئىككىنچى كۈنى داۋاملىق قوبۇل قىلىنىدۇ، بەلگىلىمىدىكى تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى يەنىلا قائىدىدىكى قوبۇل قىلىش سانىغا يەتمىگەندە، دەرىجىگە تىزىلغان ئۇۋىغا قايتىپ كەلگەن كەپتەرلەرگە مۇكاپات نەقلەشتۈرۈلىدۇ، قالغان دەرىجە مۇكاپاتى قەپەزگە سېلىنغان مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەرلەرگە تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلەرنىڭ بۇنىڭ سىرتىدا بولىدۇ. ئۈچىنچى ئۆتكەلدە قەپەزگە سېلىنغان مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەرلەرگە بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان مەخپىيەتلىكنىڭ ئاشكارىلىنىپ قىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدىغان ھىملىغۇچى ھالقا ئىشلىتىلىدۇ، ئۇۋىغا قايتىپ كەلگەن كەپتەرلەرگە سېلىنغان ھىملىغۇچى ھالغا بۇزۇلمىغان بولسا، نەتىجىسى ئىناۋەتلىك بولىدۇ؛ ئەگەر پۇچۇپ كەتكەن ياكى پېچىتىنى ئاچقان ۋە بۇزغان بولسا، بۇ كەپتەرنىڭ نەتىجىسى ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ.

بەشىنچى. قوبۇل قىلىپ دەرىجىگە ئايرىش ۋە مۇكاپاتنى تەسىس قىلىش

1. 200 كىلومېتىرلىق مۇسابىقىدە 100 نەپەر كەپتەر تاللاپ چىقىلىدۇ، چېمپىيون بولغانغا 10 مىڭ يۈەن، ئىككىنچى بولغانغا 5000 يۈەن، ئۈچىنچى بولغانغا 2000 يۈەن، 4-100-بولغانلارنىڭ ھەر بىرىگە 1000 يۈەندىن مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئالدىنقى ئۈچ دەرىجىگە تىزىلغانلارغا بىردىن لوڭقا بېرىلىدۇ.

2. 300 كىلومېتىرلىق مۇسابىقىدە 100 نەپەر كەپتەر تاللاپ چىقىلىدۇ، چېمپىيون بولغانغا 15 مىڭ يۈەن، ئىككىنچى بولغانغا 10 مىڭ يۈەن، ئۈچىنچى بولغانغا 5000 يۈەن، 4-100-بولغانلارلارنىڭ ھەر بىرىگە 2000 يۈەندىن مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئالدىنقى ئۈچ دەرىجىگە تىزىلغانلارغا بىردىن لوڭقا بېرىلىدۇ.

3. 500 كىلومېتىرلىق مۇسابىقىدە 400 كەپتەر تاللاپ چىقىلىدۇ، چېمپىيون بولغانغا 200 مىڭ يۈەن، ئىككىنچى بولغانغا 150 مىڭ يۈەن، ئۈچىنچى بولغانغا 100 مىڭ يۈەن، 4-10-بولغانلارغا 20 مىڭ يۈەن، 11-400-بولغانلارنىڭ ھەر بىرىگە 10 مىڭ يۈەندىن مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئالدىنقى 10 رەتكە تىزىلغانلارغا بىردىن لوڭقا بېرىلىدۇ.

4. 500 كىلومېتىرلىق كىچىك كوللېكتىپ مۇسابىقىدە 20 كەپتەر تاللاپ چىقىلىدۇ، چېمپىيۇنغا 30 مىڭ يۈەن، ئىككىنچى بولغانغا 20 مىڭ يۈەن، ئۈچىنچى بولغانغا 10 مىڭ يۈەن، 4-20-بولغانلارنىڭ ھەر بىرىگە 5000 يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئالدىنقى 10 رەتكە تىزىلغانلارغا بىردىن لوڭقا بېرىلىدۇ.

5. 500 كىلومېتىرلىق چوڭ كوللېكتىپ مۇسابىقىدە 10 كەپتەر تاللاپ چىقىلىدۇ، چېمپىيۇنغا 40 مىڭ يۈەن، ئىككىنچى بولغانغا 30 مىڭ يۈەن، ئۈچىنچى بولغانغا 20 مىڭ يۈەن، 4-20-بولغانلارنىڭ ھەر بىرىگە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ، ھەر بىرىگە بىردىن لوڭقا بېرىلىدۇ.

6. ئۈچىنچى ئۆتكەلدىكى كەپتەر شاھى مۇسابىقىسىدە 10 كەپتەر تاللاپ چىقىلىدۇ، چېمپىيۇنغا 40 مىڭ يۈەن، ئىككىنچى بولغانغا 30 مىڭ يۈەن، ئۈچىنچى بولغانغا 20 مىڭ يۈەن، 4-10-بولغانلارنىڭ ھەر بىرىگە 8000 يۈەندىن مۇكاپات بېرىلىدۇ، ھەر بىرىگە بىردىن لوڭقا بېرىلىدۇ.

7. رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى: 401-501- بولغانلارنىڭ ھەر بىرىگە 2017-يىللىق فېيتيەن خەلقئارالىق ئەتىيازلىق كەپتەرخانا ئۇيۇشتۇرغان مۇسابىقىگە قاتنىشىش كارتىسىدىن بىرسى سوۋغا قىلىنىدۇ.

8. تەلەي مۇكاپاتى: 528-بولغان كەپتەرگە 1000 يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ.

9. رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى، تەلەي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كەپتەرلەر چوقۇم مۇساپە قېتىلغان مۇسابىقىگە قاتناشقا بولۇشى كېرەك.

مۇكاپاتنى ئالغاندا پۇل تاپشۇرغان دوكۇمېنت ۋە كىملىك قاتارلىق ئىناۋەتلىك كىنىشكىلەر ئاساس قىلىنىدۇ.

ئالتىنچى. مۇسابىقە كەپتىرىنى باشقۇرۇش چارىسى

1. كەپتەرلەرنى تاللاش ۋە ھەر ئۆتكەللىك مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، ئاممىۋى كەپتەرخانا كەپتەرلەرنى دائىملىق ئۇچۇرۇش، كۆندۈرۈشكە باشلايدۇ. كەپتەرخانىدا دائىملىق ئۇچۇرۇش، كۆندۈرۈش داۋامىدا ئەگەر مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەر كەپتەرخانىدىن قېچىپ كەتسە، يىتۈپ كەتسە، سوقۇلۇپ يارىلانسا، بۇ نورمال شاللىنىپ قىلىشقا تەۋە بولىدۇ، ئاممىۋى كەپتەرخانا بۇنىڭغا مەسئۇل بولمايدۇ.

2. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەرنى ئاممىۋى كەپتەرخانىغا تاپشۇرغاندىن كىيىن، كەپتەرخانىنىڭ ئىچىدە كۆزىتىلىدۇ، نورمال كەپتەرلەرگە ئېلېكتىرونلۇق پۇت ھالقىسى سېلىنىپ كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلۈپ، توردا ئېلان قىلىنىدۇ ھەمدە ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كىيىن كەپتەرخانىغا ئىلىپ كىرىلىدۇ. بىنورمال باچكىلارنى كەپتەر ئىگىسىگە قايتۇرۇپ كېتىشنى ئۇقتۇرىدۇ.

3. تۇنجى ئۆتكەللىك مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئاز دېگەندىمۇ 10 قېتىم نۆل كىلومېتىردىن 100 كىلومېتىرغىچە ئۇچۇرۇپ كۆندۈرۈش ئىلىپ بېرىلىدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار توردا ئېلان قىلىنىدۇ.

4. كەپتەرخانىدا يايلىتىپ ئۇچۇرۇش، كۆندۈرۈش، مۇسابىقە ئىلىپ بېرىش جەريانىدا ئېلېكتىرونلۇق ھالقىنىڭ مەشغۇلاتىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، ئاممىۋى كەپتەرخانا ۋاقتىدا ئالماشتۇرىدۇ ھەمدە توردا ئېلان قىلىدۇ.

يەتتىنچى. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، قايتىپ كەلگەن كەپتەرلەرنىڭ تەۋەلىكىنى ئايرىش چارىسى

1. 500 كىلومېتىرلىق مۇسابىقە (مۇساپە قېتىلغان مۇسابىقە) ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، مەزكۇر ئاممىۋى كەپتەرخانا ئەھۋالغا ئاساسەن مۇكاپات تارقىتىش يىغىنى ۋە كىم ئاشتى قىلىپ سېتىش يىغىلىشى ئۆتكۈزىدۇ. 500 كىلومېتىرلىق مۇسابىقىدە ئالدىنقى 400 دەرىجىگە تىزىلغان مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلەر، كەپتەر شاھى مۇسابىقىسى ۋە مۇساپە قېتىلغان مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلەر كىم ئاشتى قىلىپ سېتىلىدۇ، كىم ئاشتى قىلىپ سېتىشتىن قىلىنغان كىرىمنىڭ %60 ىى كەپتەر ئىگىسىگە قايتۇرۇلىدۇ، %40 ىى مەزكۇر ئاممىۋى كەپتەرخانىغا تەۋە بولىدۇ. كىم ئاشتى قىلىپ سېتىشقا قاتنىشىدىغان مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرنىڭ ئىگىلىرى چوقۇم ئالدىنئالا ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئىسپاتنى تەييارلاپ قويۇشى كېرەك.

2. 500 كىلومېتىرلىق مۇسابىقە ۋە مۇساپە قېتىلغان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلەرنىڭ كىم ئاشتى قىلىپ سېتىشتىكى باشلىنىش باھاسى بىردەك 1500 يۈەن بولىدۇ؛ كىم ئاشتى قىلىپ سېتىشتا سېتىلماي قالغان كەپتەرلەرنىڭ ئىگىسى كىم ئاشتى قىلىپ سېتىشتىكى باشلىنىش باھاسىنىڭ %40 نى تاپشۇرغاندىن كىيىن، كەپتەرنى قايتۇرۇپ كەتسە بولىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشمىگەن ئۇۋىغا قايتىپ كەلگەن كەپتەرلەرنىڭ ئىگىسى ئۆزىنىڭ كىملىكى، پۇل تاپشۇرغانلىق دوكۇمېنتىنى ئىلىپ كەپتىرىنى ھەقسىز قايتۇرۇپ ئالالايدۇ. سىرتقى جايلاردىكى كەپتەر ھەۋەسكارلىرى مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەرلىرىنى قايتۇرۇش ھەققىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئاممىۋى كەپتەرخانا توردا كەپتەرلەرنى ئېلىۋېلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلغان كۈندىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە كەپتەر ئىگىلىرى كەپتەرلەرنى قايتۇرىۋالغىلى كەلمىسە، ۋاز كەچتى دەپ قاراپ، كەپتەرلەرنى مەزكۇر ئاممىۋى كەپتەرخانا ئۆزى بىر تەرەپ قىلىدۇ.

3. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلەرنىڭ مۇكاپاتى ۋە كىم ئاشتى قىلىش سېتىشتىن قىلغان كىرىمدىن شەكىللەنگەن مۇناسىۋەتلىك باجلارنى مەنپەئەتلەنگۈچى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.

سەككىزىنچى. بەلگىلەنگەن كەپتەر، ماشىنا مۇسابىقىسىنىڭ قائىدىسى ئايرىم ئېلان قىلىنىدۇ.

توققۇزىنچى. بۇ ئاممىۋى كەپتەرخانىنىڭ ھېساب ئاچقان بانكا ئۇچۇرى

جۇڭگو بانكىسى ئۈرۈمچى نۇرلۇق يولى تارماق بانكىسى

中国银行乌鲁木齐光明路支行 

6217 8883 0000 0049 515 姓名 (jian)

جۇڭگو يېزا-ئىگىلىك بانكىسى ئۈرۈمچى قۇرۇلۇش يولى بىڭتۈەن تارماق بانكىسى

中国农业银行乌鲁木齐建设路兵团支行 

6228 4608 9803 3910 572 姓名 (jian)

جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى ئۈرۈمچى قۇرۇلۇش غەربى يولى ئىش بېجىرىش ئورنى

中国建设银行乌鲁木齐建设西路分理处

6227 0786 0120 4779 姓名 (jian)

جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى ئۈرۈمچى ئەدەبىيات-سەنئەت يولى تارماق بانكىسى

中国工商银行乌鲁木齐文艺路支行 

6222 0830 0200 1335 298 姓名 (jian)

ئۈرۈمچى ناھىيەلىك يېزا ئامانەت قەرز ھەمكارلىق كوپىراتىپى تىجارەت ئورنى

乌鲁木齐县农村信用合作联社营业部

6210 0820 4240 2025 姓名 (jian)

بانكا ئارقىلىق پۇل پېرېۋوت قىلىپ بولغاندىن كىيىن، كەپتەر ئىگىسىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، تېلېفونى، كەپتەر سانى، پۇل سوممىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى فاكس، رەڭلىك ئۇچۇر، ئۈندىدار قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاممىۋى كەپتەرخانىغا يوللاش كېرەك.

ئونىنچى. باشقىلار

كەپتەرلەر يىغىۋېلىنىپ مۇسابىقە ئىلىپ بىرىلغىچە بولغان مەزگىلدە ئەگەر تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىك يۈز بەرسە ياكى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بىلەن توقۇنۇش كېلىپ چىقىش سەۋەبلىك مۇسابىقە ئىلىپ بارغىلى بولمىغاندا، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرغان ئورۇن كەپتەر ئىگىلىرى تاپشۇرغان مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققىنى تولۇق سوممىسى بويىچە قايتۇرۇپ بىرىدۇ. بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى شىنجاڭ فېيتيەن پوچتا كەپتىرى كۆندۈرۈش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە. مەزكۇر شىركەت ئاممىۋى كەپتەرخانىنىڭ بارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئون بىرىنچى. ئالاقىلىشىش شەكلى

ئاممىۋى كەپتەرخانا تېلېفونى: 6886568-0991    18097621633

فاكس: 6866568-0991

كەپتەر قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 18899503888    18899505666

ئاممىۋى كەپتەرخانا ئادرېسى: شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى لۇساۋگۇ يېزىسى لۇساۋگۇ كەنتى 296-نومۇر

新疆乌鲁木齐市米东区芦草沟乡芦草沟村296

پوچتا نومۇرى: 830029

    

 

 

 

 

 

شىنجاڭ فېيتيەن پوچتا كەپتىرى كۆندۈرۈش

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى

2015-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى

免责声明:本网凡是由用户发布的文字、图片、音视频等资料,其真实性、准确性和合法性由信息发布人自行承担,并负法律责任。赛鸽资讯网不提供任何保证,并不承担任何法律责任。
相关文章
评论列表
用户名: 密码:     立即注册